قارلۇق مەكتىپى
سەنئەت + تېخنىكىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سۇپىسى

قارئولوگىيە بولسا «قارلۇق» دېگەن سۆز بىلەن «ئولوگىيە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان سۆز بولۇپ، قارلۇق مائارىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بارلىق بىلىملەرنى كۆرسىتىپ، قارلۇق بىلىملىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قارئولوگىيەدە كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسى ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى تۈرلۈك بىلىملەر توپلانغان بولۇپ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر بىلىم خەزىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  • قارلۇق مەكتىپى ئالما ئەپ تەتقىقاتى سىنىپى
  • iOS بولسا ئالما شىركىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئالما كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان كۆچمە سۇپا مەشغۇلات سىستېمىسى. ئالمىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئالما شىركىتىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ iOS سۇپىسىغا ئەپ ئېچىش يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈز بىلەن ئىنژېنېرلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى. -2007يىلى بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنى ئەمدىلا قولىمىزغا ئالغان يىل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قارلۇق شىركىتى ئۈچۈن بۇ يىل تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا بىر يىل بولدى. شۇ يىلى -27مارت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق يېغىنىدىن كىيىن قارلۇق شىركىتى رەسمى ھالدا ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى ھەم بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى باشلىدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە قارلۇقنىڭ ئالما تەتقىقاتى، ئالما سۇپىسىغا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك (خاتىرەم، ئېلىپبە، شەخىسلەر، ھېسابىم) ئەپلەرنى ئېچىش ھەم بۇ ساھەدە كۆپلەپ مۇنەۋۋەر ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى. مەكتىپىمىزدىن تەربىيلىنىپ چىققان ھەرقايسى قاراردىكى ئالما ئەپ تەتقىقاتچىلىرى رايۇنىمىزدا ئالما ئەپ تەتقىقات ساھەسىگە تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالماقتا. ئالما سۇپىسىدىكى تۇنجى ئانا تىلدىكى ئەپ، رايونىمىزدىكى تۇنجى مۇنتىزىم ئالما تەتقىقاتى تەجرىبىخانىسى، ھەم تۇنجى قارار ئالما تەتقىقاتچىلىرى قىسقىغىنا بىرقانچە يىلدا ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقتى. نۆۋەتتە بۇ ساھە غايەت-زور ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ كەلمەكتە. شۇ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ نەچچە يىللىق ئەجىر-مېھنەتنىڭ جۇغلانمىسى ۋە تەجرىبە ئامبىرى بولغان قارلۇق ئالما تەتقىقات تەجرىبىخانىسى -2016يىللىق يېڭى قارار قارلۇق ئالما ئەپ تەتقىقاتچىلىرى سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى. قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيىلەش مەكتىپى كومپيۇتېر گىرافىكى ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، مۇنتىزىم تەربىيىلەش تۈسىدىكى نوپۇزلۇق ئورگان بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇشۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. مەكتىپىمىز زامانىۋى شارائىتى، ئىلغار ئوقۇتۇش مۇھىتى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بىلەن نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۆلەملەشكەن مۇنتىزىم كەسپى تەربىيىلەش سۇپىسى بولۇپ قالدى. مەكتىپىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق تەربىيىلىنىش پروگراممىسىدىكى پۈتۈن باسقۇچلارغا تۇلۇق قاتنىشىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نورمال سەۋىيىدىكى بىر ئەپنىڭ قۇرۇلما لاھىيىسىنى لاھىيەلەش، كودىنى يېزش ۋە ئەپنى پۈتتۈرۈپ ئالما ئەپ دۇكىنىغا يوللاپ ئېلان قىلىش قاتارلىق سەۋىيىگە يېتەلەيسىز. قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيىلەش مەكتىپىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن «جۇڭگۇ 4A دەرىجىلىك جەمئىيەت ئورگىنى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن «مۇلازىمەت ھۆددىگە بېرىش تەربىيىلەش بازىسى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارخانا تېخنىكا تەرەققىياتى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئىشلەپ چىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشمە ئېچىش بۇيىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىرائەتخانىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «ئىشلەپچىقىرىش ئوقۇتۇش تەتقىقات بازىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستېتوتى تەرىپىدىن « ئەمەلىي پراكتىكا بازىسى » دەپ بېكىتىلگەن.
  • قارئولوگىيە
  • قارلۇق مەكتىپى تەتىللىك تەربىيىلەش سىنىپى
  • ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ كومپيۇتېر-ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە مېدىيا ساھەسىگە بولغان ئاڭ-سەۋىيىسىنى دۇنيا بىلەن ماس قەدەمگە ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە ئۆزىمىزدە بار بولغان بارلىق پەن-تېخنىكا جەۋھەرلىرىنى ، تۈر تەجرىبە ئامبىرىنى ، يەرشارى خاراكتېرلىك زامانىۋى مۇھىتنى ، ئەڭ گۈزەل ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ۋە تەجرىبىلىك ئۇستازلارنى ئىشقا سېلىپ تۇنجى قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپىنى ئاچتۇق. بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش ئالتە مەيدان لېكسىيە ، 136 سائەتلىك ئەمەلىي دەرس ۋە 136 سائەتلىك ئەمەلىي مەشغۇلاتتىن تەركىپ تاپقان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپكە تېخىمۇ قىزىقىشى ئۈچۈن 50 يۈرۈش ئەڭ يېڭى Mac كومپيۇتېر ۋە بىر يۈرۈش قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلىدۇق. ئىككى نەپەر مەسئۇل ئوقۇتقۇچى سەككىز نەپەر مۇنتىزىم دەرس ئوقۇتقۇچىسىدىن باشقا پەخىردىن قارلۇق قاتارلىق ساھەنىڭ پېشقەدەم ئاۋانگارتلىرى شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى پېشقەدەم مەشھۇر ئۇستازلارنى لېكسىيىگە تەكلىپ قىلىمىز.
  • قارلۇق مەكتىپى
  • كىنو تارىخىدىكى تۆت ئىنقىلاپ
  • كىنو دەسلەپتە بارلىققا كەلگەندە ئاۋازسىز ھەم رەڭسىز ئىدى. كىشىلەر ئۇ چاغدا كىنونى «ئۇلۇغ گاچا» دەپ ئاتايتتى. كىنونى تېخىمۇ تىز تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئېدىسون پاتىفونى كەشىپ قىلدى. كىنونىڭ ئاجىز ئاۋازى بولدى. ئەمما ئۇ كىنونىڭ سۈرەت بىلەن ئاۋازنىڭ بىردەكلىكى ھەم ئاۋازنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. لۇمىئېر ئاكا ئۇكىلار سەھنىنىڭ كەينىدە ئاۋاز بېرىپ باققان بولسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان ئىدى. 1927-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاۋازلىق فىلىم «جاز ناخشىچى» قۇيۇلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ فىلىم ئاۋازلىق فىلىم دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئاۋازسىز كىنودىن ئاۋازلىق كىنو دەۋرىگە ئۆتۈش كىنو تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق چوڭ ئىنقىلاپ. رەڭلىك فىلىمنىڭ پەيدا بولۇشى كىنو تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاپ. رەڭلىك كىنونىڭ پەيدا بولۇشى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن بولدى. 1935-يىلى ئامېرىكىنىڭ «سۆلەتۋاز دۇنيا» فىلىمى تۇنجى رەڭلىك فىلىم بولۇپ، كىنو شۇنىڭدىن كىيىن رەڭلىك ھەم ئاۋازلىق بولدى. 1950-يىلى دىن باشلاپ كىنونىڭ رەڭلىك بولىشى ئاساسەن ئومۇملاشتى. تېلېۋىزورنىڭ پەيدا بولۇشى كىنو تارىخىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىنقىلاپ. 1950-يىلىدىن باشلاپ، ئاۋاز ئىلمى، ئوپتىكا، ئېلېكترون ئىلمى، مېخانىكا قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى نەتىجىسىدە، كىنو كەڭرى ئېكرانلىققا، يۇقىرى ئېنىقلىققا، ئاۋاز بولسا ستېرېئولۇققا قاراپ تەرەققى قىلدى. كومپيوتېر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تېخنىكىلار كىنوچىلىقتا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ كىنو تارىخىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ئىنقىلاپ بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى كىنوچىلىقتا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولدى.1977-يىلى جورج . لۇكاس(George Lucas) ئىشلەشكە باشلىغان «پىلانىتلار ئۇرۇشى» فانتازىيىلىك فىلىملەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان بۇلۇپ، بۇ فىلىم كومپىيوتېر گرافىك فىلىملىرى ئىچىدە بىر ئابىدە تىكلىگەن كىنو ھىسابلىنىدۇ.
  • قارئولوگىيە
  • كىنونىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى
  • كىنو بولسا ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسۇل، تىياتىر، رەسىم، ھەيكەلتاراشلىقدىن كىيىنكى يەتتىنچى سەنئەت بولۇپ، ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تولىمۇ پايدىسى بولدى. پارىژ بولسا 19- ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ سەنئەت مەركىزى، ھەم كىنونىڭ تۇغۇلغان جايى. 1895-يىلى 12- ئاينىڭ 28-كۈنى كىنو تۇنجى قېتىم پارىژدىكى بىر قەھۋەخانىدا قويۇلدى. لۇمىئېر (Auguste Lumière) ئاكا-ئۇكىلار ئۆزى ئىشلىگەن «زاۋۇت ئىشىكى»، «پويىزنىڭ ۋوگزالغا كىرىشى» قاتارلىق بىر نەچچە مىنۇتلۇق كىنونى قويدى. بولۇپمۇ «پويىزنىڭ ۋوگزالغا كىرىشى» كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. فىلىمدە پويىز ماڭغان كۆرۈنۈش كىشىلەرنى پويىز خۇددى سوقۇۋېتىدىغاندەك تۇيغۇغا ئەكەلگەن بولۇپ، كىشىلەر قورققىنىدىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى. ئەنە شۇ كۈن كىنونىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئىدى. كىنو تارىخىدا تۇنجى بولۇپ كىنونىڭ خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى بايان قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان كىشى جورجى مېلىيە (Georges Méliès). ئۇ كامېرانى توختىتىپ قايتا تارتىشنى بايقىغان، ھەم بايقىلىشىمۇ تاسادىپىيلىقتىن بولغان. ئەينى چاغدا ئۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئات ھارۋىسىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، كامېرانىڭ لېنتىسى توقۇقسىز قىسىلىپ قالغان، لېنتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە يولدىن ئۆتۈۋاتقان جەسەت ھارۋىسى تارتىلىپ قالغان. كىنونى قويغان چاغدا ئات ھارۋىسى بولسا جەسەت ھارۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ تەسىر قىلغان، ھەمدە ئۇ كامېرانى توختىتىپ تارتىشنىڭ سىرىنى بايقىغان.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۈچنىڭ ئويغىنىشى
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۈچنىڭ ئويغىنىشى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ 7 - قىسىمى كۈچنىڭ ئويغىنىشى. ھېكايە ۋەقەلىكى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش 6 -بۆلۈم «پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى»نىڭ داۋامى بولۇپ، كىچىك مۈشۈكلەر پىلانىتىدىكى دوئىن ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ 31 يىلدىن كېيىنكى ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. فىلىمدە رول ئالغان ئاساسلىق ئارتىسلار يەنىلا 1983 -يىلدىكى پىلارنىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىمىدىكى كونا ئارتىسلار بولغانلىقتىن فىلىم مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 2012 -يىلى 10 -ئاينىڭ 30 -كۈنى دېسنىي شېركىتى لۇكاس فىلىم شېركىتىنى تۆت مىلىيارد 50 مىلىيون دوللارغا سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىمۇ دېسنىي شېركىتىگە ئۆتتى. 2013 -يىلى 1 -ئاينىڭ 26 -كۈنى دېسنىي ۋە لۇكاس تەرەپ بىرلىكتە يېڭى پىلانىتلار ئارا-ئۇرۇش فىلىمىنىڭ رېژىسسورىنى بېكىتتى. جېففىرى جەكوب ئابرامس رېژىسسور بولدى. ئۇ ئىلگىرى «ئىمكانسىز ۋەزىپە 3»،«پىلانىتلار سەپىرى: زۇلمەتكە كىرىش»«يوقۇلۇش» قاتارلىق داڭلىق كېنو-فىلىملەرنىڭ رېژسسورلىقىنى قىلغان. فىلىمگە دەسلەپتە جورج.لۇكاس ئۆزى يېڭى ئۈچ قىسىملىق سىنارىيە يازغان بولۇپ، بۇ سېنارىيەلەر يېڭى رېژىسسور جېيكوبقا يارىمىغانلىقتىن قوبۇل قىلىنمىغان. فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى ئىلگىرى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىدىن ئىككىنى يازغان داڭلىق سىنارىست لاۋرىنىس كاسدان يېزىپ پۈتتۈرگەن. لاۋرىنىس 1981 -يىلىدىكى «ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى» بىلەن 1983 -يىلىدىكى «پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى»نىڭ سىنارىيىسىنى مۇۋەپپەقيەتلىك يازغان ئىدى.2013 -يىلى 5 -ئاينىڭ 14 -كۈنى فىلىم رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشكە باشلىغان ئىدى. جېيكوب بۇ قېتىمقى فىلىمنى 1970 -يىللاردىكى ئەسلى فىلىم بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە 1977 -يىلى فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان ماراكەشتىكى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىم بازىسىدا سۈرەتكە ئالغان. فىلىم بازىسى قىلچە بۇزىۋېتىلمەي ئەسلىي ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىنگەنلىكتىن نۇرغۇن خىراجەت تېجىلىپ قېلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە فىلىمگە IMax كامېرا ئىشىلتىلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ چىن تۇيغۇ بېرىشكە ئالاھىدە كۈچىگەن. بۇ فىلىم پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرى ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم IMax كامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسقىسىدۇر. بۇ فىلىم 2015 -يىلى 12 -ئاينىڭ 14 -كۈنى ئامرىكىدا قويۇلدى. فىلىم ھازىرغىچە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈلمەكتە.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: شىسنىڭ ئۆچ ئېلىشى
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: شىسنىڭ ئۆچ ئېلىشى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ 6 - قىسىمى شىسنىڭ ھۇجۇمى. جورج.لۇكاس 2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتتىگەندە ئاۋىستىرالىيەنىڭ سېدني شەھىرىدىكى فوكس فىلىم ئىشلەش بازىسىدا ئاساسلىق كۆۈنۈشلەرنى ئېلىشنى رەسمىي باشلىدى. ھەم فىلىم ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئەنگىلىيەدىن باشقا يەنە جۇڭگو، تايلاند، شىۋىتسارىيە، تۇنىس قاتارلىق جايلاردىن ھەر قايسى پىلانىتلار ئۈچۈن مۇھىت تاللىدى. ئاناگىن بىلەن ئوبىۋاننىڭ ئوت ۋولقان ئارىسىدا ئۇرىشىدىغان كۆرۈنۈشىنى فىلىم گۇرۇپپىسى 2002 - يىلى ئىتالىيەدىكى ئېتنا يانار تېغىغا بېرىپ خەتەرلىك ۋولقانلار چاچىراپ تۇرغان مۇھىتتا تاماملاپ بولغان ئىدى. ئاناگىن بىلەن ئوبىۋاننىڭ ئۇرۇشقان كۆرۈنۈشىدە ئۇرۇش مەيدانىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەش ھەم ئۇرۇشنى كەسكىن قىلىش ئۈچۈن فىلىمنىڭ گۇمپا يېتەكچىسى نېك بىلەن جورج. لۇكاس جەدايلارنىڭ دەرىجىسىنى 1 - دەرىجىدىن 10 - دەرىجگىچە تۇرغۇزغان. بۇنىڭدا ئوبىۋاننىڭ بولسا 8 - دەرىجە ئاناگىننىڭ بولسا 9 - دەرىجە. بۇ قىسىمىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈم 2200 دىن ئارتۇق بولۇپ ئالدىدىكى ھەممە قىسىملىرىدىن كۆپ. فىلىمنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمنى چىقىرىشقا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان باش بولۇپ كىلىۋاتقان كېنور، بۇ فىلىمدىمۇ دەسلەپتىكى ھاۋا ئۇرۇشىنى ھەيۋىتلىك ھەم ھاياجانلىق ئىپادىلىگەن. بۇ قىسىمىدىكى كومپىيوتۇر گىرافىك تېخنىكىسىنى قوللانغان كۆرۈنۈش 90 مىنۇتقا يەتكەن بولۇپ، ئالدىدىكى ھەممە قىسىملىرىدىن كۆپ. ئەڭ ئاساسلىقى يودا ئۇستاز بولۇپ گەرچە ئالدىنقى قىسىمىدىمۇ يودا ئۇستازنى كومپىيوتۇر گىرافىك تېخنىكىسىنى قوللىنىپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ قىسىمىدىكى يودا ئۇستاز تېخىمۇ ئەمەلىي تېخىمۇ چىرايلىق چىققان. پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنى ئىشلەۋاتقان نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان مەيلى فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ياكى ئارتىسلار بولسۇن لۇكاسنى فىلىمدە رول ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق لۇكاس ئىزچىل قوشۇلماي كەلگەن. لېكىن بۇ قىسىمىدا لۇكاس قىزى كەيىت.لۇكاسنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى ئاستىدا فىلىمدىكى كۆك يۈزلۈك پاپانويىدنىڭ رولىغا چىققان. فىلىمدىكى كاشك پىلانىتىدا ياشايدىغان ۋۇكىس ئادەملىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئونىغىلا ئارتىسلار رول ئالغان بولۇپ، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى كومپىيوتۇر گىرافىك تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسىغان. فىلىمنى باشتىن ئاياق سونىينىڭ HDC-F950 تىپلىق يۇقىرى سۈزۈكلۈكىدىكى كامىراسى بىلەن تارتقان. فىلىم 2005 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كىلون ئادەمنىڭ ھۇجۇمى
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كىلون ئادەمنىڭ ھۇجۇمى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. ئەمدى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈدىغىنىمىز پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ 5 - قىسىمى كىلون ئادەمنىڭ ھۇجۇمى. 2000 - يىلى 6 - ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىشنى باشلىغان بۇ قىسىمغا يېڭى پېرسۇناژ، يېڭى مۇھىت كىرگۈزۈلگەندىن باشقا يەنە < كىلون ئادەمنىڭ ھۇجۇمى > غا سىنارىسىت تەرپىدىن مۇرەككەپ سىياسى ئارقا كۆرۈنۈش قوشۇلدى. يەنى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ تىنىچسىزلىنىشى، قارانىيەت كىشىلەرنىڭ يامان غەرىزىنى ئاشكارلىشى، < ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما زەربىسى > دىكى سەلبىي تېما بىلەن ئوخشايدۇ. لۇكاس بىلەن ھېرىس ئىككىلىسى ناھىيىتى مۇكەممەللىك قوغلىشىدىغان بولغاچقا كىيىم - كېچەك بىلەن مۇھىت پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولغان چاغدىمۇ توختىماستىن سىنارىيەنى ئۆزگەرتكەن. ئاخىرقى تەييارلىق مەزگىلدىمۇ لۇكاس بەزى بىر ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى مۇھىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ قايتا تارتقان. شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشنى تارتىپ بولۇشقا جەمئىي 72 كۈن كەتكەن. بىراق پىلاندىن سىرىت بولغان مۇرەككەپ كۆرۈنۈشلەرنىمۇ تارتىپ ھەم ئۆزگەرتكەچكە ئومۇمىي ۋاقىت 18 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاناگىن بۇ قىسىمدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ بولغانلىقتىن رېجىسور يېرىم يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىرى كانادالىق يېڭى ئارتىس ھەيدىن. كىرىستىننى تاللاپ چىققان. 8 ياشلىق جېك بىلەن 78 ياشلىق ساباستىنمۇ ئاناگىننىڭ كىچىك ۋە ياشانغان ۋاقتىدىكى رولىنى ئېلىپ باققاچقا پېرسۇناژلارنىڭ ئالدى كەينىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلاش بەك مۇھىم ئىدى. بۇ فىلىمدا ھەر بىر جەداينىڭ ئ‍ۆزگىچە ماھارەت ئۇسلۇبى بار بولۇپ، ۋاقىتلىق ئارتىسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىلىمدىكى جەدايلار 20 نەچچە قىلىچۋازلىق مەكتىپى ۋە كۇلۇبلىرىدىكى 500 دىن ئارتۇق قىلىچۋازلاردىن يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىش ئارقىلىق تاللانغان. بۇ قىسىمدىكى يودا ئۇستاز تۇنجى قېتىم پۈتۈنلەي كومپىيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىنىپ پۈتكۈزۈلگەن. فىلىمدىكى ئارتسلارنىڭ بەزى ئالاھىدە تېخنىكىلىق ھەركەتلىرىنى كومپىيۇتېردىكى رەقەملىك ئالماشقۇچى ئارتىسلار بىلەن ھەل قىلغان. يەنە كىلون ئادەملەر، ماشىنا ئادەم، غەلىتە مەخلۇقلار ۋە كۆپلىگەن مۇھىت كۆرۈنۈشلىرى كومپىيۇتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان. لۇكاسنىڭ باشتىن تارتىپلا رەقەملىك تېخنىكىغا ئالاھىدە قىزىقىشى بار بولۇپ، 20 يىل بۇرۇنلا ئاۋاز ۋە سۈرئەتنى كېسىپ كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللانغان. بۇ فىلىم تۇنجى قېتىملىق پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈزۈك ئېنىقلىقىدىكى رەقەملىك كامىرادا تارتىلغان فىلىم. رەقەملىك كامىرا سۈرەت ئېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە كۆرۈنۈش ئېلىش جەريانىدا پەقەت لۇكاس توختاڭلار دەپ بۇيرۇق بەرسىلا دەرھال توختۇتۇپ، ئالدىدا تارتىپ بولۇنغان كۆرۈنۈشنى رەتلەپ كومپىزوتسىيە قىلىنىپ ئاخىرقى خىزمەت باسقۇچىنى ئالدىنئالا پۇتتۈرۈشكە ياردىمى بولغان. 1975 - يىلى لۇكاس پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرۈنۈشلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن، سانائەت نۇرى ۋە سېھىر شېركىتىنى قۇرۇپ چىققاندىن باشلاپ كومپىيۇتېر تېخنىكىسى كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگەن. بۇ فىلىم پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن قىسىمى بولۇپ جەمئىي 142 مىنۇت. ئىشلەشكە بىر يېرىم يىلدىن كۆپ ۋاقىت كەتكەن. 2002 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۆلەڭگۈنىڭ تەھتىدى
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۆلەڭگۈنىڭ تەھتىدى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. تۆۋەندە چۈشەندۈرىدىغىنىمىز پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ 4 - قىسىمى كۆلەڭگۈنىڭ تەھتىدى. بۇ قىسىم ئەمەلىيەتتە ئالدىدا ئىشلىگەن 3 قىسىمنىڭ ئالدىنقى ۋەقەلىكى بولۇپ بۇ قىسىمنى ئادەتتە 1 - قىسىم دەيدۇ. جورج.لۇكاس بۇ فىلىمنى باشتا تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى قىسىملىرىنى ئىشلەپ ئارقىدىن بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قىسىملىرىنى ئىشلىگەن.بىز بۇ يەردە ئىشلەش تەرتىپىنى ئاساس قىلىپ 4 - قىسىم دەپ ئالدۇق. جورج.لۇكاس بۇ قىسىمنىڭ سىنارىيەسىنى 1994 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يېزىشنى باشلىدى. سىنارىيە بولسا ئۇ 1976 - يىلى يېزىپ بولغان ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان ئىدى. بۇ قىسىمنىڭ ئەسلىي ئىسمى < باشلىنىش > بولۇپ كېيىن جورج.لۇكاس < كۆلەڭگۈنىڭ تەھتىدى > گە ئۆزگەرتىۋەتكەن. فىلىمنىڭ مەيدانى ۋە نەچچە مىڭ خىل جابدۇق قوراللارنى تەييارلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەل ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن. فىلىم 1997 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - سۈرەت ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، فىلىمنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشىنى ئەنگىلىيە ۋېسدىن فىلىم ئىشلەش بازىسىغا قۇرۇپ شۇ يەردە سۈرەتكە ئالغان. ھەم تۇنىس قۇملىقىدا تاتۇئىن پىلانىتىنى ئىتالىيەدىكى كاستا ئوردىسىدا نابۇ پىلانىتىدىكى كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكى ئوردا كۆرۈنۈشىنى ئالغان. فىلىم گۇرۇپىسى R2-D2 تىپلىق ماشىنا ئادەم مودىلىدىن 9 نى ياسىغان بولۇپ 7 سى ماڭالايدۇ. نورمال تىپتىكى بۇ 7 مودىل كۆرۈنۈش جەريانىدا دائىم قۇملۇققا پېتىپ قېلىپ كۆرۈنۈش ئېلىشقا تەسىرى بولغانلىقتىن لۇكاس سانائەت نۇرى ۋە سېھىر شېركىتى بىلەن ئەنگىلىيە ئالاھىدە ئۈنۈم بۆلۈمىگە R2-D2 نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىسىنى ياساشنى بۇيرۇيدۇ. سانائەت نۇرى ۋە سېھىر شېركىتى ياسىغان ئىككى چاقلىق توك بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ،ئېغىرلىقى 198 كىلولۇق نەرسىنى بىمالال ئىتتىرەلەيدىغان R2-D2 نى ئۆي ئىچى كۆرۈنىشىدە، ئەنگىلىيە ئالاھىدە ئۈنۈم بۆلۈمى ياسىغان قۇملۇق يولىدا بىمالال ئىشلەيدىغان سېستىما يېزىلغان R2-D2 نى قۇملۇق مەيدان كۆرۈنىشىدە ئىشلىتىدۇ. ئۇچار كېمە مۇسابىقىسىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىقاس-چۇقان ئاۋازىنى ئاۋاز لايىھەلەش خادىمى سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىگە بېرىپ نەق مەيدان ئاۋازى ئېلىپ كەلگەن. فىلىمدىكى جەداي(Jedi) بۇ بولسا بىر خىل ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ جەدايلار بوۋاق ۋاقتىدىن تارتىپلا تەربىيلىنىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىنى پەرەز قىلالايدۇ ھەم نەرسىلەرنى ۋە ئادەملەرنى كونتىرول قىلالايدۇ. جىيا جىيا بىنس ئوبىرازى بولسا ناھايىتى ئوماق يارىتىلغان بولۇپ مېڭىش-تۇرۇش ھەركەتلىرى ۋە سۆزلىشى جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار. فىلىمدىكى مۇھىت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئارتىس بەدىنىگە يېقىن جايلىرى رېئال ياسىلىدىغان بولۇپ، يىراق كۆرۈنۈشلىرى كوپىيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. كۇاگېننىڭ رولىغا چىققان داڭلىق ئارتىس لايىم نېسسوننىڭ بوي ئېگىزلىكى 193 سانتا بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇھىتنى چوڭىراق ياساشقا توغرا كېلىپ فىلىمنىڭ چىقىمىنى 150مىڭ دوللار ئاشۇرىۋەتكەن. فىلىمنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 133 مىنۇت بولۇپ ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلەتمىگەن يېرى پەقەتلا ئوننەچچە مىنۇت ئەتىراپىدا. فىلىم 1999 -يىلى 5 -ئاينىڭ 19 -كۈنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش: پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى.
  • پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش: پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. بۇ قېتىمدا چۈشەندۈرىدىغىنىمىز پېلانېتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئۈچىنچى قىسمى پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى. بۇ قىسىمنىڭ سېنارىيەسىنى لاۋىرنىس.كاستىن بىلەن جورج لۇكاس بىرلىكتە يېزىپ پۈتتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار سېنارىيەنى كۆرۈنۈش ئېلىش پىلانى ۋە مۆلچەر مەبلەغنىڭ ئاخىرقى سوممىسىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن يېزىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇ چاغدا فىلىم ئىشلەش ئەترىتىنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسىمۇ جورج.لۇكاسنىڭ ھېكايىسىغا ئاساسەن قول تۇتۇپ ياسايدىغان مودېللارنى ياساشنى باشلاپ بولغان ئىدى.لېكىن فىلىمدىكى باش پېرسوناژ خان.سولونىڭ رولچىسى خالسىن.فۇد بىلەن بۇ بۆلۈمدە داۋاملىق رول ئېلىش توختامىنى تۈزىمىگەچكە ھەم < جونىس دوكتور ۋە سىرلىق رومكا > فىلىمىنىڭ كىرىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتكەچكە فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپتىكى جورج.لۇكاستىن باشقىلار خالسىن.فۇدنى قايتا تەكلىپ قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالدى. خالسىن.فۇد ئۆزىمۇ بۇ بۆلۈمنى ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن تۈگىتىش تەكلىپىنى بەردى.بىراق بۇ جورج.لۇكاسنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەسلى يوتا ئۇستاز، فىلىمنىڭ بۇ قىسمىدا كۆرۈنىشى يوق بولۇپ، بىراق بالىلار پىسخىكا دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن جورج.لۇكاس يوتا ئۇستازنى دارس.ۋېيدارنىڭ لۇكنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كۆرۈنۈشىنى قوشقان. چۈنكى ئۇ بالا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋېيدارنى يالغانچىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ فىلىم 1982 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سۈرەت ئېلىشنى باشلىدى. ئامېرىكىدا 1983 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رەسمىي قويۇلدى. بۇ قىسىمنىڭ مەزمۇنى ئالدىنقى ئىككى قىسىمغا قارىغاندا ئادەمنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەم كۆرۈرمەنلەرنى < كۆرۈش سېزىمىنى سىنايدىغان ئويۇن > ئويناۋاتقاندەك ھالەتكە كەلتۈرىدىغان بولغاچقا بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا فانتازىيە فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما زەربىسى.
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما زەربىسى. قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن گېگانىت فىلىم پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى. پېلانىتلار ئارا ئۇرۇش: يېڭى ئۈمۈد 20 - ئەسىر فوكىس شېركىتىنىڭ پاي باھاسىنى ھەسسىلەپ كۆتۈرۋەتكەن كىلاسسىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن 1977 - يىلى دۇنيا كىنو ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۈرۋىتىدۇ.ئىقتىساد تەرەپتىنمۇ مول كىرىمغا ئېرىشىدۇ ھەمدە كىنو مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مۆلچەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. جورج.لۇكاس بۇنىڭدىن چوڭ سودا پۇرسىتىنى بايقايدۇ ھەمدە ھوللىۋودنىڭ فىلىم ئىشلەش قېلىپىنى بۇزۇپ ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ فىلىمنىڭ كېيىنكى بۆلىمىنى ئىشلەشنى قارار قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن سانائەت نۇر ۋە سېھرى (INDUSTRAL LIGHT & MAGIC)شېركىتىنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن مەبلەغ غەملەپ ئۆزىنى ئىككىگە بۆلەلمەي قالغان جورج.لۇكاس فىلىم رېجىسورلىقىنى جەنۇبى كالفورنىيە ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىرىن.كىرىشنىرغا تاپشۇرماقچى بولىدۇ . لېكىن ئۇ كېيىنكى قىسىمنىڭ باشتىكى قىسىمدىكىدەك سەۋىيەگە يېتەلىشىگە ئىشەنمىگەچكە رېجىسور بولۇشقا قوشۇلمايدۇ. بىراق يەنىلا ۋاستىچىنىڭ قايىل قىلىشى ئاستىدا ماقۇل بولىدۇ. جورج.لۇكاس باشتا فانتازىيە يازغۇچىسى لى.بۇلەيكنى ئىزدەپ ھېكايىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرىدۇ. لى.بۇلەيك راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن يەنى 1978 - يىلى 2 - ئايدا سېنارىيەنىڭ تۇنجى نۇسقىسىنى پۈتتۈرىدۇ. ئارقىدىن لۇكاس ئۆزى سېنارىيەنىڭ ئىككىنچى نۇسقىسىنى يازىدۇ.ھەم 《جونىس دوكتۇر ۋە سىرلىق رومكا》فىلىمىنىڭ سېنارىستىنى ئىزدەپ ئاخىرقى سېنارىيەنى يازدۇرۇپ پۈتتۈرىدۇ. فىلىم 1979 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى(Hardanger jkulen) مۇز جىلغىسىدا سۈرەت ئېلىشنى باشلايدۇ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئۇلار 50 يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان قار بورانغا ئۇچىرايدۇ ھەم تېمپىراتورا ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن سىرىتقا چىقىپ سۆرەت ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭا ئەمەلىي چىقىم ئەسلى مۆلچەردىكى چىقىمدىن خېلى كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق پۈتكەندىن كېيىن كىرىم يەنىلا چىقىمنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بېسىپ چۈشىدۇ. فىلىمنىڭ باش كۆرۈنۈشى پېلانىتلار ئارىسىدىكى ھاۋا ئۇرىشى ۋە قار مۇز پېلانىتىدىكى شەھەر مۇھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.خوز پېلانىتىدىكى ئۇرۇش مەيدانىنى سۈرەت ئېلىشتا باشتا يېشىل ئېكراندا ھەل قىلماقچى بولىدۇ بىراق ئارقىدا (stop motion) يەنى جىم قونچاق ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. فىلىم 1980 - يىلى5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى رەسمىي قويۇلىدۇ.
  • قارئولوگىيە
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۈچنىڭ ئويغىنىشى.
  • پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش: كۈچنىڭ ئويغىنىشى.  قارلۇق مەكتىپى ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرىدىن تامچە. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ 7 - قىسىمى كۈچنىڭ ئويغىنىشى. ھېكايە ۋەقەلىكى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش 6 -بۆلۈم «پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى»نىڭ داۋامى بولۇپ، كىچىك مۈشۈكلەر پىلانىتىدىكى دوئىن ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ 31 يىلدىن كېيىنكى ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. فىلىمدە رول ئالغان ئاساسلىق ئارتىسلار يەنىلا 1983 -يىلدىكى پىلارنىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىمىدىكى كونا ئارتىسلار بولغانلىقتىن فىلىم مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 2012 -يىلى 10 -ئاينىڭ 30 -كۈنى دېسنىي شېركىتى لۇكاس فىلىم شېركىتىنى تۆت مىلىيارد 50 مىلىيون دوللارغا سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىمۇ دېسنىي شېركىتىگە ئۆتتى. 2013 -يىلى 1 -ئاينىڭ 26 -كۈنى دېسنىي ۋە لۇكاس تەرەپ بىرلىكتە يېڭى پىلانىتلار ئارا-ئۇرۇش فىلىمىنىڭ رېژىسسورىنى بېكىتتى. جېففىرى جەكوب ئابرامس رېژىسسور بولدى. ئۇ ئىلگىرى «ئىمكانسىز ۋەزىپە 3»،«پىلانىتلار سەپىرى: زۇلمەتكە كىرىش»«يوقۇلۇش» قاتارلىق داڭلىق كېنو-فىلىملەرنىڭ رېژسسورلىقىنى قىلغان. فىلىمگە دەسلەپتە جورج.لۇكاس ئۆزى يېڭى ئۈچ قىسىملىق سىنارىيە يازغان بولۇپ، بۇ سېنارىيەلەر يېڭى رېژىسسور جېيكوبقا يارىمىغانلىقتىن قوبۇل قىلىنمىغان. فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى ئىلگىرى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرىدىن ئىككىنى يازغان داڭلىق سىنارىست لاۋرىنىس كاسدان يېزىپ پۈتتۈرگەن. لاۋرىنىس 1981 -يىلىدىكى «ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى» بىلەن 1983 -يىلىدىكى «پەلەك باتۇرىنىڭ قايتىپ كېلىشى»نىڭ سىنارىيىسىنى مۇۋەپپەقيەتلىك يازغان ئىدى.2013 -يىلى 5 -ئاينىڭ 14 -كۈنى فىلىم رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشكە باشلىغان ئىدى. جېيكوب بۇ قېتىمقى فىلىمنى 1970 -يىللاردىكى ئەسلى فىلىم بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە 1977 -يىلى فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان ماراكەشتىكى پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىم بازىسىدا سۈرەتكە ئالغان. فىلىم بازىسى قىلچە بۇزىۋېتىلمەي ئەسلىي ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىنگەنلىكتىن نۇرغۇن خىراجەت تېجىلىپ قېلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە فىلىمگە IMax كامېرا ئىشىلتىلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ چىن تۇيغۇ بېرىشكە ئالاھىدە كۈچىگەن. بۇ فىلىم پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش فىلىملىرى ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم IMax كامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسقىسىدۇر. بۇ فىلىم 2015 -يىلى 12 -ئاينىڭ 14 -كۈنى ئامرىكىدا قويۇلدى. فىلىم ھازىرغىچە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈلمەكتە.
  • قارئولوگىيە
0991-2877080