قارلۇق مەكتىپى
سەنئەت + تېخنىكىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سۇپىسى

مەكتەپ ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتلىرى

فېستىۋال بولسا قارلۇق مائارىپ ئوقۇتۇش مېتودىنىڭ بىر مودېلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخنىكىلىق بولغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى ئاساس قىلغان كۆرەك. بۇ كۆرەكتە بالىلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزى سەھنىگە چىقىپ تونۇشتۇرىدۇ بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى تونۇشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار ئەسەرلەرگە بولغان پىكىرلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى سۆزلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىكرى ۋە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئارقىلىق يەنە بىر پەللە ئۆرلىيەلەيدۇ. كىيىنكى فېستىۋاللاردا تېخىمۇ گۈزەل ئەسەرلەرنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولىدۇ. فېستىۋال جەريانىدا بالىلار پەقەت كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالماستىن يەنە ئادەم بولۇش يوللىرىنى، ۋاقىتنى قەدىرلەش قاتارلىقلارنى ئۆگىنەلەيدۇ.

قارلۇق سەھنىسى
سەنئەتلىك لايىھە فېستىۋالى
قارلۇق گرافىك بۆلۈمى ۋە قارلۇق گرافىك ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا -2017 يىلى -4 ئاينىڭ -21 كۈنى قارلۇق مەكتىپىدە -8 قارار گرافىك سىنىپىنىڭ سەنئەتلىك لايىھە فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى فېستىۋالغا قارلۇق مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار، تېخنىكا ۋە سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتلىك ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇردى ھەمدە ئۆز ئەسەرلىرىنى سەھنىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. پائالىيەت داۋامىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. پائالىيەت قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. ئەسەرلەرنى مەكتەپتىكى پېشقەدەم كومپيۇتېر گرافىك ئوقۇتقۇچىلىرى باھالاپ چىقتى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ئاكتىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى.
قارلۇق 8-قارار گرافىك سىنىپى
  • لىكسىيە

    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئاكتيور ۋە رېژىسسورى فىردەۋىس ئەزىزى ئاكا قارلۇقتا ئىسىل بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيەدە فىردەۋىس ئاكا ئ‍ۆزىنىڭ كىنو ۋە سەھنە ھاياتىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە قىممەتلىك تەجېربىلىرىنى، ئ‍ۆزىنىڭ تۈركىي ئەللىرىنىڭ كىنو فېستىۋالدا ئوتتۇرىغا قويغان ھازىرقى كىنو-فىلىملەردىكى مۇھاببەت، ھېسىيات ۋە مەلۇم بىر ئوي پىكىرنىڭ كەم بولۇشى ھەم ئۇيغۇر كىنوچىلىغى توغرىسىدا بىزگە سۆزلەپ بەردى. لېكسىيە تولىمۇ قىزغىن بولدى، بولۇپمۇ فىردەۋىس ئاكىنىڭ «سىرلىق كارۋان»، «غېرىپ-سەنەم» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدا يولۇققان سەرگۈزەشتىسى لىكسىيەگە قاتناشقانلارنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى. لىكسىيە ئ‍اخىرىدا فىردەۋىس ئاكا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى ھەم پىكىر ئالماشتۇردى. بىز فىردەۋىس ئاكىنىڭ ئۆزنىڭ ئازرۇسىدىكى فىلىملىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز.

    • بەزىدە ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىرەيلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.
      - -ئالىن تۇرىڭ

    0991-2877080