قارلۇق مەكتىپى
سەنئەت + تېخنىكىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سۇپىسى

تاللاش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم.

  • ئاندىرويىد سىنىپى

    ئاندىرويىد بولسا ئاساسلىق ئاندىرويىد مەشغۇلات سۇپىسىدا ئ‍ىجرا بولىدىغان ئەقلىي تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېرلارغا ئوخشاش سېزىمچان ئېكرانلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، لىنۇكىس يادروسىغا تايىنىدىغان، گۇگۇل شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان، كۆچمە سۇپا مەشغۇلات سىستېمىسى. سىز بۇ تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئاندىرويىد سېستىمىسىدىكى ھەرقايسى سۇپىلارغا ئوكيان خەۋەرلىرى، خاتىرەم، ئىسىم ۋە گۈدۈك ھەتتا ئۇلاردىنمۇ قالتىس بولغان ئىلغار يۇمشاق دېتاللارنى ياساشنى ئۆگىنەلەيسىز.

  • ئالما ئەپ تەتقىقاتى سىنىپى

    iOS بولسا ئالما شىركىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئالما كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان كۆچمە سۇپا مەشغۇلات سىستېمىسى. ئالمىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئالما شىركىتىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ iOS سۇپىسىغا ئەپ ئېچىش يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈز بىلەن ئىنژېنېرلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى.سىز بۇ سىنىپتا تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر ئالما ئەپنىڭ پىلانلاش ، لايىھەلەش ، كود ، ۋە ئاخىرقى خىزمەت باسقۇچلىرىنى مۇستەقىل بېسىپ ئۆتەلەيدىغان بىر مۇكەممەل ئالما ئەپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىسىز!

  • تور تېخنىكا سىنىپى

    تور تېخنىكىسى ئادەتتە تور ئىشلەتكۈچى تەرەپ تېخنىكىسى ۋە تور مۇلازىمىتېر تەرەپ تېخنىكىسى دەپ ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تور ئىشلەتكۈچى تەرەپ تېخنىكىسى ئاساسلىق تور بېكەت تىللىرىدىن CSS ,HTML ۋە JavaScrpit قاتارلىق تىللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتىن ئىشلەتكۈچىگە كۆركەم، ئازادە ۋە گۈزەل تۇيغۇ بېرىش. ئىقتىدار جەھەتتىن ئىشلىتىلىشچان، قولاي تۇيغۇ بېرىش، ھەرخىل كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تور كۆرگۈچلەرگە نىسبەتەن ماسلىشىدىغان قىلىپ لايىھەلەش جەھەتلەردىكى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تور مۇلازىمىتېر تەرەپ تېخنىكىسى بولسا ئاساسلىق پىروگرامما تىللىرىدىن PHP, JSP, ASP.NET قاتارلىق تىللارنى ئىشلىتىپ ساندان بىلەن ئالدى بەتتىكى ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئۇقۇم لايىھە سىنىپى

    ئۇقۇم لايىھەسى بولسا ئىزاھلىق رەسىم بولۇپ، فىلىم، سىنلىق ئويۇن، جانلاندۇرۇم، قىستۇرما رەسىملىك كىتاب ۋە باشقا يېڭى مېدىيالارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات ئۈچۈن ئىدىيەنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇقۇم لايىھەسى ئۇقۇم سەنئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇقۇم سەنئىتى لايىھەلەشتە مودا ئېقىم،پارچە سېتىش مەركىزى،ئارخىتېكتورلۇق ۋە سانائەت لايىھەسى قاتارلىق كاتېگورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • 3D سەنئەت سىنىپى

    3D مودېل سەنئىتى بولسا رەقەملىك سەنئەت كاتېگورىيەسى ئىچىدىكى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈر دۇر. ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ياساش كارتون فىلىم ساھەسىدىكى كەڭ قوللىنىلغاندىن سىرت يەنە ئېلان-تەشۋىقات ، كىنو-فىلىم قاتارلىق ساھەلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئىككى ئۆلچەملىك سەنئەتكە قارىغاندا كىشىگە بېرىدىغان چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى ۋە ئىنچىكىلىك جەھەتلەردە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. كارتون فىلىم ۋە ئويۇن ساھەلىرىدىكى ئىشلىتىش ئورنى بولسا مۇھىت مودېلى، جابدۇق مودېلى ۋە خاراكتېر مودېللىرىنى ياساش ھەم ئۇلارنىڭ ماتېرىيال ۋە تېكىستۇرىنى تەييارلاپ ھاسىللاش باسقۇچلىرىدۇر.

  • ئارخىتېكتورلۇق سىنىپى

    ئارخىتېكتۇرلۇق بولسا ئولتۇراق ئۆي، مېھمانساراي، سودا-ساراي، ئايرودۇرۇم، كۆۋرۈك...قاتارلىق ئومۇمەن ئىمارەت خاراكتېرىنى ئالغان قۇرۇلمىلارنى يەر ھازىرلاش، پىلانلاش، لايىھە چىقىرىش، خەرىتىلەشتۈرۈش، سېلىش، ئەسلىھە ئورنىتىش، زىننەتلەش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايرىم پەن تۈرى. نۆۋەتتە ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق تېخنىكىسى بىلەن ئارخىتېكتورلۇقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى بولسا ئىمارەت پۈتۈشتىن ئىلگىرىكى قۇرلۇش ئۈنۈم خەرىتىسى ۋە قۇرلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى قۇرلۇش فۇنكسىيە فىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاللاپ ئۆگىنەلەيسىز ...

    تىزىملىتىش
    0991-2877080